بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدىن بېشارەت بېرەمدۇ؟

ساغلاملىق 4ئاي ئىلەىرى (03-02) كۆرلىشى 29

ئەجەبا بالىنىڭ تۇغۇلغاندىكى بەدەن ئېغىرلىقى راستتىنلا ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟

تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن كىشىلەر، مەسىلەن ياشانغانلار، قەتئىي ھالدا بالا قانچە چوڭ تۇغۇلسا، ئەقىل بۆلۈنمىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەت راستىنلا شۇنداقمۇ؟ ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تەتقىقاتلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ژۇرنىلى «بالىلار كېسەللىكلىرى» ژۇرنىلىدا دانىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتى ئېلان قىلىنغان. تەتقىقاتچىلار 1959-يىلدىن 1961-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە تۇغۇلغان 4696 ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى 5 جىڭ، 5~6 جىڭ، 6~7 جىڭ، 7~8 جىڭ بويىچە خاتىرىلىگەن 8 جىڭدىن چوڭ ئوخشىمىغان بەدەن ئېغىرلىقى 5 گۇرۇپپا سېلىشتۇرما گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ.

كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا، تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلار 19 ياش، 28 ياش ۋە 50 ياشقا كىرگەندە، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەقلىي ئىقتىدار سىنىقى ۋە تۈرلۈك بەدەن سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلىگەن.

تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، 7 جىڭدىن تۆۋەن بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ، ئەمما 8 جىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلىدۇ، بارلىق گۇرۇپپىلار ئىچىدە، 5 جىڭدىن كىچىك بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا تۆۋەنلەش بولىدۇ.

شۇڭا، تەتقىقاتچىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى!

دەل كېلىپ قالغىنى شۇكى، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق مېڭە نېرۋا ئىلمى ئالىمى جون مېدېنامۇ ئوخشاش بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئىپادىسىنى خاتىرىلەپ، 6~7 جىڭ كېلىدىغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان شۇڭا بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ خىل تەسىر يەنە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

يۇقىرىقى تۈرلۈك تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ كېيىنكى ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ خىل تەسىر بەدەن ئېغىرلىقى قانچە يۇقىرى بولسا، ئەقىل بۆلۈنمىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دېگەن يەكۈننى بىۋاسىتە چىقىرالمايدۇ.

چۈنكى بارلىق تەتقىقاتلار پەقەت بۇ خىل ھادىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا كۆزەتكەن، سەۋەبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كەلسەك، يەنىلا بىۋاستە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەتقىقاتلار ئائىلە ئىقتىسادى شارائىت، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە يېشى، كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىش تەربىيىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ.

2. ئۇنداقتا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى قانچە جىڭ بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؟

ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قانچە سېمىز بولسا شۇنچە ياخشى ئەمەس، چۈنكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتسە، كېيىنكى مەزگىلدە سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەندىن باشقا، يەنە ئانىنىڭ تۇغۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا كۆپ قېتىم كۆرسىتىلىشىچە، بوۋاقلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كېتىشى تۇغۇتنىڭ قىيىنلىشىشى، تۇغۇت يولىنىڭ يىرتىلىشى، تۇغۇتتىن كېيىن قان كۆپ چىقىپ كېتىش، ھەتتا بالىياتقۇنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر چوڭ خەتەرلىك سەۋەب ئىكەن. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، سېمىزلىك نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

شۇڭا، تۇغۇت دوختۇرلىرى تۇغۇت تەكشۈرۈش جەريانىدا ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ھامىلىنىڭ زىيادە سەمىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىدۇ، ئەگەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتسە، ھامىلىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ھامىلىدار ئاياللاردىن تاماق يېمەسلىكنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

نورمال ئەھۋالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ مۇۋاپىق دائىرىسى بەش جىڭدىن سەككىز جىڭغىچە بولىدۇ.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بەش جىڭدىن تۆۋەن بولسا، ئادەتتە تېنى بىر قەدەر ئورۇق، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز، بەدەن سۈپىتىمۇ بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. ئوزۇقلۇقمۇ نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكى بوۋاقلارغا يەتمەسلىكى مۇمكىن، بۇنىڭ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدا بەلگىلىك ئېھتىماللىق بار.

شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەن بولسا، ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال تۇغۇلغان بوۋاقلارغا يەتمەسلىكى مۇمكىن.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق