ئۆلچەملىك جىنسىي مۇناسىۋەت 13 مىنۇتتىن يۇقىرى بولمايدۇ

ساغلاملىق 4ئاي ئىلەىرى (03-02) كۆرلىشى 28

ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك جىنسىي مۇھەببەتكە بولغان ئۈمىدى ۋە ئەپسانىلىرىدە ئەمەلىيەتتە خاتالىق بار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەركىلىتىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، ياخشى بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئادەتتە 13 مىنۇت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا داۋاملىشىدىكەن.

بۇ تەتقىقات ئامېرىكا جىنسىي داۋالاش ۋە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا قارىتا سوئال قەغىزى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار پىسخولوگ، دوختۇر، خىزمەتچى، داۋالىغۇچى ۋە نەچچە ئون يىللىق تەجرىبىسى بار، ئىلگىرى نەچچە مىڭ بىمارنى پەرۋىش قىلغان سېسترا. 34 نەپەر مۇتەخەسىس ئۇلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىنىڭ (ئەركىلىتىش ۋاقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 3-7 مىنۇتقىچە بولسا مۇۋاپىق، 7-13 مىنۇتقىچە بولسا كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى كۆڭۈلدىكىدەك ۋاقىت ئۇزۇنلۇقى، بۇ ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ، ئۈچ مىنۇتتىن ئاز بولسا بەك قىسقا بولۇپ قالىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان پىسخولوگلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىشىلەرنىڭ ئۆزى ياكى جىنسىي ھەمراھىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا بولغان چۈشەنچىسى مۇھىتقا قارىتا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۈمىد كىشىلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۈمىدسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۈگۈنكى مودا مەدەنىيەت يەنىلا كىشىلەر قىياس قىلغان جىنسىي مۇھەببەت توغرىسىدىكى كونا ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى مۇستەھكەملەۋاتىدۇ: مەسىلەن، 3-2 جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، چوڭ جىنسىي ئەزا قاتارلىقلار. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، كۆپ ساندىكى ئەر-ئاياللار 30 مىنۇتتىن ئارتۇق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق