ئالما تۇنجى Touch ID يانفونىنى «ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلات» قاتارىغا چىقاردى!

ئۇنۋىرسال 3ھەپتە ئىلگىرى (06-01) كۆرلىشى 43

بۈگۈن (1-ئىيۇن) ئالما شىركىتى iPhone 5sنى ۋاقتى ئۆتكەن (Obsolete) مەھسۇلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلاتلار قاتارىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، ئالما ۋە ئالما ھوقۇق بەرگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بۇ ئۈسكۈنىنى رېمونت قىلىش ياكى باشقا قاتتىق دېتال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى مەلۇم مەھسۇلاتنى سېتىشنى بەش يىل توختاتقاندىن كېيىن «كونا مەھسۇلات» دەپ بەلگە قويىدىكەن، سېتىشنى يەتتە يىل توختاتقاندىن كېيىن «ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلات» دەپ بەلگە قويىدىكەن.

ئالما شىركىتى 2013-يىلى 9-ئايدا iPhone 5sنى ئېلان قىلدى، بۇ ئالما شىركىتىنىڭ تۇنجى Touch ID بارماق ئىزىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفونى.

iPhone 5sنىڭ بارماق ئىزى سېنزورى Home كۇنۇپكىسىغا توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يانفون قۇلۇپىنى ئاچقاندىن باشقا، ئابۇنتلار App Storeدا ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋالسا بارماق ئىزىنى تونۇتۇپ جەزملەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالما A7 ئۆزىكىنىڭ قوللىشى بىلەن، iPhone 5s يەنە دۇنيادىكى 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن تۇنجى يانفون تىپى بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە، iPhone 5sنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدە ئېلان قىلىنغان سېتىلىش باھاسى مۇنداق: 16GBلىقى 5288 يۈەن، 32GBلىقى 6088 يۈەن، 64GBلىقى 6888 يۈەن!

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق