iPhone 15 يانفونلىرى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى

ئۇنۋىرسال 3ھەپتە ئىلگىرى (06-02) كۆرلىشى 41

يېقىندا تۇنجى قېتىملىق زور سوممىلىق ئېتىبارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى يەنە بىر قېتىم كۆپەيدى. نۆۋەتتە، بارلىق iPhone 15 يانفونلىرى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشۈرۈلدى.

يېقىندا، iPhone 15 يۈرۈشلۈكى يەنە بىر قېتىم چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە باھا چۈشۈردى، iPhone 15نىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 4553 يۈەندىن باشلىنىدۇ، iPhone 15 Proنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 5896 يۈەندىن باشلىنىدۇ، يەنە چەكلىك مۇددەتتە ئالتە ئاي ئۆسۈمسىز قەرزگە ئالغىلى بولىدۇ.

مەسىلەن، ئالما شىركىتىنىڭ جىڭدوڭدىكى ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىدىغان بايراقدار دۇكىنى iPhone 15 128GBنىڭ ئەسلى باھاسى 5999 يۈەن، Plus يۈرۈشلىكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 4553 يۈەن. iPhone 15Pro Max 512GBنىڭ ئەسلى باھاسى 11 مىڭ 999 يۈەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2422 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدۇ، قولىڭىزغا 9577 يۈەنگىلا تېگىدۇ.

IDC نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلى 1-پەسىلدە جۇڭگو ئەقلىيفون بازىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 69 مىليون 260 مىڭ دانە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.5 ئاشقان. روڭياۋ خۇاۋېي %17لىك ئۈلۈشى بىلەن جۇڭگو ئەقلىيفون بازىرىدا 1-ئورۇندا تۇرغان.

%OPPO ئۇ 15.7لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن داۋاملىق ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئالما شىركىتى بۇ پەسىلدە %15.6لىك ئۈلۈش بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 تۆۋەنلىگەن. vivo بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %14.6كە يەتكەن.

ئالما شىركىتى خۇاۋېي روڭياۋ OVنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنىڭ خىرىسى ۋە بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتالدا يېڭىلىق يارىتىش ئانچە چوڭ بولمىغان ئەھۋالدا، پەقەت باھانى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

بىراق، ئالما شىركىتىنىڭ باھانى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئېشىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىمۇ كېيىنكى تەرەققىياتقا ئېنىقسىز ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن.

IDCنىڭ تەھلىلچىسى ۋىل ۋوڭنىڭ قارىشىچە، iPhoneنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئىككى ئىشنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن، ئالدى بىلەن ئالما 618 مال سېتىۋېلىش بايرىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئابۇنتلىرىمۇ تېخىمۇ ياخشى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىپ، تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى، بۇمۇ تېخىمۇ ئۇزۇن بولغان يان تېلېفون ئالماشتۇرۇش دەۋرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باھا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن iPhone 15 يۈرۈشلۈكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بايراقدار يانفونلارنىڭ باھا مەركىزىگە يېتىپ كەلدى. ئوخشاش باھادا سىز iPhone 15نى سېتىۋالامسىز ياكى خۇاۋېي، شياۋمىنىڭ بايراقدار يانفونىنى سېتىۋالامسىز؟

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق