iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىغان ئۈچ خىل تىپتىكى كىشىلەر

ئۇنۋىرسال 3ھەپتە ئىلگىرى (06-02) كۆرلىشى 42

ھەر يىلى ئالما شىركىتى يېڭى تىپتىكى iPhoneنى ئېلان قىلىشى بىلەن تەڭ، تور دۇنياسى قايناپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئاندىرويىد سىستېمىلىق يانفون ئابونتلىرى چۈشىنەلمەي بۇمۇ ئوخشاشلا بىر تېلېفون تۇرسا، ئون مىڭلاپ پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بارمۇ؟ دەپ قارايدۇ. ئەمما iPhone ئىشلەتكۈچىلەرنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۈق باھانە سەۋەپلىرى بار بولۇپ، تورداشلار iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىغان ئۈچ خىل تىپتىكى كىشىلەرنى دەل جايىغا كەلتۈرۈپ تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەپ چىققان.

بىرىنچى خىلدىكى iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئۆيىدە ياكى ئىشخانىسىدا MacBook، iPadقا ئوخشاش ئالما مەھسۇلاتلىرى بار بولۇپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۈسكۈنىلەر ئوتتۇرسىدا چەكلىمىسىز ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىشنى مەقسەت قىلىپ iPhone سېتىۋالىدۇ. مەسىلەن، سىرتلارغا ئىش بېجىرگىلى چىققاندا MacBook بىلەن iPhone ئوتتۇرسىدا ئېلخەت، ھۆججەت، قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلېفون قاتارلىقلارنى ماس قەدەمدە بەھىرلەشكە بولىدۇ. ئەمما ئاندىرويىد ۋە Windows مۇھىتىدا ئۇسكۈنىلەرنى ئۆز ئارا باغلاپ ئىشلەتكەندە، بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈم ۋە راھەت سېزىمنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىككىنچى خىلدىكى iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، مەلۇم ئەمەلىي ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، يۈز-ئابروي ئۈچۈن iPhoneنى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك يانفون ھېساپلاپ سېتىۋالىدۇ، دۆلىتىمىز ماركىسىدىكى يانفونلارغا بولسا قاراپمۇ قويمايدۇ. شۇنداقلا دوستلىرى ۋە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان كۆز قارىشىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. «ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس» دېگەن ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە، يۇقىرى ئورۇندا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئۆزىدىن ئۆزى قانائەت تاپىدۇ.

ئۈچىنچى خىلدىكى iPhone سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار ئېھتىمال ئەڭ كۆپ بولۇشى مۈمكىن، چۈنكى iPhoneنىڭ قاتتىق يۇمشاق دېتال ئۇنىۋېرسال ساپاسى كۈچلۈك، سىستېمىسىنىڭ راۋانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، سۈرەت تارتىش، ئويۇن ئويناش، يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنىڭ سۈپەت ئۈنۈم كۆرسەتكۈچىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. ھەر يىلى بازارغا سېلىنىۋاتقان نەچچە يۈز خىل ئاندىرويىد يانفونلىرى ئىچىدىن كۆڭۈلدىكىدەك بىرەرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ ئاۋارىچىلىق، شۇڭا كۆپىنچە يانفون ئابونتلىرى ئىقتىدار باھا نىسبىتى تۆۋەن بولسىمۇ يەنىلا iPhone سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدۇ.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق