Font ھەققىدە

ئۇنۋىرسال 3ئاي ئىلەىرى (04-14) كۆرلىشى 44

بۈگۈن بىز Font ھەققىدە توختىلىپ باقايلى ، بىزنىڭ تور بەتچىلىكىدە Font ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ، تور بىكىتىمىزنى چىرايلىق ئۇيغۇرچە خەتلەر بىلەن چىقىرىمىز دەيدىكەنمىز چۇقۇم بىزدە مەلۇم خەت نۇسقىسى Font بولۇش كىرەك ، ھازىر بىزدە كەڭ قوللىنىۋاتقان Font لار بار ، شۇنداقتىمۇ ئوخشىمايدىغان خەت شەكلى ئىشلىتىشنى ئويلايدىغان دوستلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە ، بۇرۇن Font ياساش مۇرەككەپ بىر جەريان ئىدى ، بۈگۈنگە كەلگەندە بولسا جىق ئاددىلاشتى ، ئەمسە Font نى قانداق ياسايمىز قانداق بىكەتكە ئورنىتىمىز كۆرۈپ باقايلى…
ئالدى بىلەن Font ياساش توربىتى گە كىرىڭ ، ئاندىن تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە Font ياسىۋىلىڭ ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چۇقۇم ئۆزىڭىز ياقتۇرغان خەت نۇسقىسىدىن بىرنى تەييارلىشىڭىز كىرەك ، تەييار بولغان بولسىڭىز كەتتۇق …

يۇقارقى مەشخۇلاتلارنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىز Font ھۆججىتى ۋە css كودىغا ئىرىشىپ بولغان بولىسىز

بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت ھۆججەتنى font ياكى fonts نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچى قۇرۇپ شۇ ھۆججەت قىسقۇچىغا تاشلاڭ

يۇقارقى ئىرىشكەن ھۆججەت قىسقۇچىنى Font تۇنۇتماقچى بولغان ئۇسلۇپ ياكى تور بەتنىڭ ئىچىگە تاشلاڭ ، ئاندىن تۆۋەندىكى سىز ئىرىشكەن css كودىنى ئۇسلۇپ css ھۆججىتىگە قويۇپ ئورۇننى توغرا بەلگىلەپ بەرسىڭىز ئىش تامام …

@font-face {
    font-family: 'iqbal korkem';
    src: url('iqbalkorkem.eot');
    src: url('iqbalkorkem.eot?#iefix') format('embedded-opentype'),
        url('iqbalkorkem.woff') format('woff'),
        url('iqbalkorkem.ttf') format('truetype'),
        url('iqbalkorkem.svg#iqbalkorkem') format('svg');
    font-weight: normal;
    font-style: normal;
    font-display: swap;
}

بىز ئېيتىپ ئۆتكەن ئورۇننى توغرا بەلگىلەش بولسا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ ئورنى توغرا بەلگىلەشنى كۆرسىتىدۇ

ئەگەر سىز پەقەت ئورنىنى توغرا تەڭشەلمىدىم دەپ ئويلىسىڭىز مەزكۇر يازمىغا پىكىر قالدۇرۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق