جۇڭگۇدىكى ئەڭ كىچىك خاككېر: تاپشۇرۇق ئىشلىمىسە خاككېر بولالامدۇ؟

ئۇنۋىرسال 1يىل ئىلگىرى (2023-06-02) كۆرلىشى 46

جۇڭگودىكى ئەڭ كىچىك «خاككېر»: مەكتەپ تور بېكەتلىرىگە ھوجۇم قىلىشتىن تور بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان كىچىك قەھرىمانغىچە…

جۇڭگودا ۋاڭ جېڭياڭ ئىسىملىك بىر ئۆسمۈر بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى يېقىملىققىنە قىلىپ «ئەڭ كىچىك خاككېر» دەپ ئاتايدىكەن. بۇ نامنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن «كەپسىز» خاككېرلىق قىلمىشى بار بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ھايات يولىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى يۇلتۇز بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

1. ئويۇندىكى كىچىك تالانت ئىگىسى ئويلىمىغان يەردىن پىروگرامما تۈزۈش يولىغا قەدەم قويدى. 2001-يىلى تۇغۇلغان ۋاڭ جېڭياڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارغا ئىنتايىن قىزىقاتتى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا، ئۇ «كۆكتات ئوغرىلاش» دەپ ئاتىلىدىغان تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كەتتى، ھەر كۈنى مەۋھۇم دۇنيادا «كۆكتات ئوغرىلىدى»، ئەرمەك ھايۋان باقتى. ھالبۇكى، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ۋاڭ جېڭياڭ پەقەت ئويۇنغا قاتناشقۇچى بولۇش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ئويۇننىڭ ئارقىسىدىكى پىروگرامما تۈزۈش دۇنياسىغا كۈچلۈك قىزىقىشقا باشلىدى.

ۋاڭ جېڭياڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قىزىقىشىنى ئىنتايىن قوللاپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى سەپلىمىلىك خاتىرە كومپيۇتېر ئېلىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن پىروگرامما تۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ بەردى.ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، ۋاڭ جېڭياڭ پىروگرامما تۈزۈش بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىقىشنىڭ بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار ۋاڭ جېڭياڭنىڭ ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان ساھەدە نۇر چېچىپ ھارارەت تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

ھالبۇكى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ۋاڭ جېڭياڭنىڭ تۇنجى قېتىم «خاككېرلىققا قىزىقىپ قېلىشى» تاپشۇرۇق ئىشلىگۈسى يوقلۇقىدىن بولغان. ئەينى ۋاقىتتا، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىن تور بېكىتىدە تاپشۇرۇق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ۋاڭ جېڭياڭ ھۇرۇنلۇق سەۋەبىدىن تاپشۇرۇقنى ئۇزاققىچە تاماملىيالمىغان.مۇئەللىمنىڭ جازالىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپ تور بېكىتىنى قولۇپلاپ قويۇپ، مۇئەللىمنى تاپشۇرۇقىنىڭ تاپشۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆرۈشكە ئامالسىز قالدۇرغان. بۇ قىلمىشى گەرچە كەپسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋاڭ جېڭياڭنى ئەيىبلىمەستىن، بەلكى ئۇنىڭغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا تېخنىكا ئىشلەتمەسلىكنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتكەن. ئۇلار ۋاڭ جېڭياڭغا تېخنىكىنىڭ قوش بىسلىق خەنجەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ھەم ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشقا، ھەم باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.پەقەت تېخنىكىنى توغرا ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان ئادەم بولغىلى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ساۋاق ۋاڭ جېڭياڭغا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى چوڭقۇر تونۇتتى ھەم ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى توغرا يولدا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.

2. شەخسىي تور بېكەتلەردىن يوچۇقلارنى دوكلات قىلغۇچىلارغىچە، تېخنىكا يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋاڭ جېڭياڭ ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ماھارىتىنى توغرا يولدا ئىشلىتىشكە باشلىدى. 10 يېشىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي تور بېكىتىنى قۇرغان. گەرچە تور بېكەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى ئۇنىڭ بىر قىسىم پىروگرامما تۈزۈش ئەسەرلىرى ۋە ئويۇن تەسىراتى بولسىمۇ، لېكىن، بۇ 10 ياشلىق بىر بالىغا نىسبەتەن ئىنتايىن قالتىس نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋاڭ جېڭياڭنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئۇ بەزى تور بېكەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى ئىزدەش ۋە رېمونت قىلىشقا ئۇرۇنۇشقا باشلىدى. 2013-يىلى، ئۇ قايتىدىن شەخسىي تور بېكەت ياسىدى ھەمدە تېخىمۇ كۆپ پىروگرامما تۈزۈش ئەسەرلىرى ۋە بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئانالىزىنى قوشتى. بۇ بىر يىلدا، ئۇنىڭ تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تالانتى تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىندى.2014-يىلى، ۋاڭ جېڭياڭ چىڭخۇا داشۆسى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مەكتەپ تور بېكىتىدە بىر بىخەتەرلىك يوچۇقىنى بايقىدى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رېمونت قىلدى. بۇ ھەرىكەت مەكتەپ تەرەپنى ئۇنىڭ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىگە يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان قىلدى ھەمدە ئۇنى مەكتەپنىڭ تور بىخەتەرلىكى كوللېكتىپىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە 360 شىركىتىنىڭ ئەڭ ياش يوچۇق دوكلاتچىسىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، 360 شىركەتكە تور بېكىتى ۋە يۇمشاق دېتال تاپشۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئۈزلۈكسىز بايقىدى. ئۇنىڭ دوكلاتى 360 شىركەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ شان-شەرەپ ۋە پۇرسەتكە ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى. شۇ يىلى، ۋاڭ جېڭياڭ تەكلىپ بىلەن جۇڭگو ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يىغىندا سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى تەجرىبىسى ۋە تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

بۇ پەيتتە، ئۇ سانسىزلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈلگە ۋە مەبۇدىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە قىزىقىشىنى قوغلىشىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ۋاڭ جېڭياڭنىڭ ھېكايىسى بىزگە تۇغما تالانتلىق ئۆسمۈرنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە توغرا يېتەكلىشى ئارقىلىق قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇ يۇقىرى پىروگرامما تۈزۈش تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئاق كۆڭۈل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە. ئۇ ئۆزىنىڭ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى بىلەن جۇڭگونىڭ تور بىخەتەرلىكى ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ، سانسىزلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

كەلگۈسى كۈنلەردە، بىز ۋاڭ جېڭياڭنىڭ بىر مۇنەۋۋەر داشۆگە كىرىپ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە تېخىمۇ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۆرۈشكە تەقەززامىز.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق