ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ئەڭ زىيانلىق بولغان ئۈچ ئىش

ساغلاملىق 5ئاي ئىلەىرى (02-02) كۆرلىشى 34

ئاياللار بالا تۇغىدىغان ماشىنا ئەمەس، ئۇلارنىڭ بەدىنى ناھايىتى ئاجىز، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ ئىش ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغا ناھايىتى زىيانلىق.

1. ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ھامىلدار بولۇش

ئادەتتە ئاياللار بىر قېتىم ئارتۇق ھامىلدار بولغاندا بالىياتقۇ بىر قېتىم ئارتۇق خەۋپكە ئۇچرايدۇ، سىتاستىكا قىلىنىشىچە، ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ھامىلدار بولغان ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق ۋاقتىدا تۇغۇتتا قىينىلىپ قېلىش، ياكى تۇغۇت ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىپ تۇغۇتنى تېزلەشتۈرۈپ ئوكۇلى ئۇرۇش قاتارلىق ئامىللارمۇ بالىياتقۇنىڭ يىرتىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى تەس.

2. كەينى-كەينىدىن ھامىلە ئالدۇرۇش

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئاياللار بىر ئۆمرىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق، بىر يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ھامىلە ئالدۇرسا بولمايدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەينى-كەينىدىن بالا ئالدۇرۇش بالىياتقۇنى ئېغىر كېسەل قىلىپ قويىدۇ، ئادەتتە دوختۇرلار ھامىلە ئالدۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا بالىياتقۇنىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ، ئاسانلا بالىياتقۇنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ، ئاقىۋەتتە تۇغماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.

3. ناچار تۇرمۇش ئادىتى

ئەگەر ئاياللار كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمىسە ئاسانلا كېسەللىك مىكروبلىرىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋال نورمال ھالەتكە قايتمىقى ناھايىتى تەس بولىدۇ، شۇڭلاشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھەر قانداق مۇھىتتا تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق