جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كەتسە نېمە يېيىش كېرەك؟

ساغلاملىق 5ئاي ئىلەىرى (02-02) كۆرلىشى 35

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. بۆلجۈرگەن

بۆلجۈرگەن ھەم جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەم ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ. جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۆلجۈرگەننىڭ تەبىئىتى سوغۇق، چۈچۈمەل تاتلىق بولۇپ جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، جىگەرنى ئاسرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۆلجۈرگەن تىپىك شىرنىلىك مېۋە بولۇپ، ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھۈجەيرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي ياللۇغقا قارشى تەركىبلەر ئەركىن رادىكالنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ئازايتىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى جانلاندۇرىدۇ. لېكىن، بۆلجۈرگەن سوغۇق يېمەكلىك بولۇپ، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر زىيادە كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

2. ئۈزۈم

ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە كۆپ خىل مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول مېۋە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۈزۈم جىگەرنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا جىگەرنى ئاسراشتىكى ياخشى ياردەمچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جىگەرنى قۇۋۋەتلىمەكچى بولغان ياكى جىگەر ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن دوستلارنىڭ ھەممىسى يېسە بولىدۇ.

3. پەمىدۇر

پەمىدۇرنى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇقمۇ ناھايىتى مول، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى، جۇڭيى تېبابىتىدە پەمىدۇرنىڭ رولى بولسا جىگەرنى ياخشىلاش ۋە ئىسسىقنى قايتۇرۇش.

4. موگۇ

موگۇ سېلېننىڭ ياخشى مەنبەسى. موگۇ تەركىبىدىكى سېلېن ئېلېمېنتىنىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئادەم بەدىنىگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ، شۇڭا كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. سېلېن جىگەر راكى ھۈجەيرىسىگە قارىتا تاللاش خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈش ۋە تىزگىنلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، نورمال جىگەر ھۈجەيرىسىگە روشەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. روشەنكى، سېلېن تولۇقلاش كىشىلەرنىڭ جىگەر راكىنىڭ ۋە جىگەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. بولۇپمۇ ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا موگۇ جىگەر كېسىلىدىن يىراق تۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچى.

5. سامساق

سامساق گۈلسامساق ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىل. جىگەر كېسىلى بىمارلىرى پىشىشىق ھالەتتە يېيىشى كېرەك، سامساق تەركىبىدىكى ۋىتامىن A، ۋىتامىن B 1، ۋىتامىن C قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن ئايرىۋېلىنغان ماد دىلارنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش، قان تومۇرنى يۇمشىتىش رولى بار.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق