شۇنچە چوڭ موتورنى كۆتۈرگەن ئايروپىلان قانىتى نېمىشقا سۇنۇپ كەتمەيدۇ؟

ئۇنۋىرسال 3ئاي ئىلەىرى (04-02) كۆرلىشى 37

ئايروپىلان ھەيدەش بەلكىم نۇرغۇن دوستلارنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما چوڭ بولغاندىن كېيىن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ. بىز ئادەتتە ئۇچرىشىدىغان ئايروپىلان، يەنى ھەر قايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى، شەھەر ئەتراپىدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئايروپىلاننى كۆرۈش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ.

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە 5000 مېتىردىن يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. يولۇچىلار ئايروپىلانى بىلەن كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ پەرقى چوڭ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ نىسبىتىدىن باشقا، موتورىنىڭ ئورنىدىمۇ كۆپ پەرقلەر بار. يېقىندا تورداشلار ئايروپىلان قانىتىغا شۇنچە چوڭ موتور ئېسىلغان تۇرسا، بۇ قاناتلار سۇنۇپ كەتمەمدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويغان.

ئەمەلىيەتتە، بۇ پۈتۈنلەي ئارتۇقچە قاراش بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان قاتناش قورالىغا ئايلىنالىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ قۇرۇلما لايىھىسىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغانلىقىدا، لايىھىلىگۈچى ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ، يەنە كېلىپ تارىختا شۇنچە كۆپ ئايروپىلان ھادىسىسىنى ھاۋارايى ياكى ئادەم كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئايروپىلان قانىتىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يېتەرلىك بولماي سۇنۇپ كېتىش ھادىسىسى تارىختا ئاساسەن كۆرۈلمىگەن.

ئايروپىلان قانىتى قارىماققا نېپىز كۆرۈنىدۇ، چۈنكى بۇنداق بولۇشى قانات بىلەن ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ سېلىشتۇرما قىلىنغانلىقىدا، ھەتتا سىزمۇ قانات ئىچىگە كىرىپ چىقالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلاننىڭ قانىتىنى پۈتۈن ئايروپىلان قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ پۇختا قىسىم دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ چىدامچانلىقى يۇقىرى ئاليۇمىن قېتىشمىسى ياكى كاربون تالاسىدىن تەركىب تاپقان، ئۇچقاندا ئىككى موتور ئەمەس، بەلكى ئايروپىلاننىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئايروپىلان قانىتى كۆتۈرىدۇ.

يەنە بىرى، گەرچە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ موتورى قارىماققا ناھايىتى چوڭ، ئېغىرلىقى ئادەمنى چۆچۈتسىمۇ، گەرچە كۈرەشچى ئايروپىلان موتورىغا ئوخشاش رېئاكتىپ موتور بولسىمۇ، لېكىن رېئاكتىپ موتور يەنىلا كۆپ خىل بولىدۇ. كۈرەشچى ئايروپىلانغا لازىملىقى ھەرخىل ئىقتىدار، يولۇچىلار ئايروپىلانىدا بولسا ئاساسەن ماي سەرپىياتى ۋە ئاسراش خىراجىتى ئاساس قىلىنىدۇ، يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلىدىغىنى سۈڭگۈچ يولى تېخىمۇ چوڭ تۇربىنا چاقپەلەكلىك موتوردۇر، ئۇنىڭ شامالغا قارشى يۈزى چوڭ، ناھايىتى كۆپ قىسمى قۇرۇق، پەقەت ئوتتۇرا قىسمىلا ئىچى پۈتۈك بولغان تۈگۈنچە تۆمۈر، شۇڭا ئايروپىلان قانىتىنىڭ سۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق