خۇاۋېينىڭ چىلىن 5G ئۆزىكى سەپلەنگەن يېڭى يانفونى تورغا كىردى

ئۇنۋىرسال 2ھەپتە ئىلگىرى (06-02) كۆرلىشى 36

يېقىندا تىپ نومۇرى PSD-AL00 بولغان خۇاۋېي چىلىن 5G يېڭى يانفونى 3C دەلىللىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، دەلىللەش ئۇچۇرىدىن قارىغاندا مەزكۇر يانفون 66Wلىق تېز توك زەرەتلەشنى قوللايدىكەن.

يېڭى يانفوننىڭ كونكرېت تىپى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىراق، رەقەملىك بىلوگ ئىگىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇاۋېينىڭ كېيىنكى يادرولۇق مەھسۇلاتى nova 13 يۈرۈشلۈكى بولۇشى كېرەك ئىكەن، پۈتۈن يۈرۈشلۈككە ئۆلچەملىك سەپلىمە سۈپىتىدە چىلىن 5G ئۆزىكى سەپلىنىدىكەن.

پايدىلىنىش ئۈچۈن، خۇاۋېي nova 12 Ultraغا قوش يۆنىلىشلىك يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرىنى قوللايدۇ، 6.78 دىيۇملۇق 2776×1224لىق OLED قوش تۆشۈكلۈك تۆت بۇلۇڭى ئەگمە ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، 120Hzلىق يېڭىلىنىش چاستوتىسى، 300Hzلىق چەكمە ئەۋرىشكە ئېلىش نىسبىتى، 2160Hzلىق يۇقىرى چاستوتىلىق PWM نۇر تەڭشەشنى قوللايدۇ، ئىككىنچى ئەۋلاد كۇئېنلۇن ئەينىكى سەپلەنگەن. بۇ يانفون بوشلۇقتىكى قول ئىشارىتى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق چىقىم قىلىشنى قوللايدىغان بولۇپ، چىلىن 9000SL تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچى ئىشلىتىلگەن.

بۇ يانفوننىڭ ئالدىغا 60 مىليون پىكسىللىق فوكۇس ئۆزگەرتىش كامېراسى، 8 مىليون پىكسىللىق پورترېت كامېراسى (2 ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش، 5 ھەسسىلىك رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ) سەپلەنگەن، ئالدىنقى ئەۋلاد پارامېتىرى بىلەن بىردەك بولغان XD Portrait DaVinci پورترېت ماتورى بار بولۇپ، ئەسلى تىپ، توقۇلما ۋە گىرىم تۇيغۇسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭ ھالىتىنى قوللايدۇ. ئارقا ئاساسىي كامېرانىڭ دەرىجىسى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۆزگىرىشچان دىيافراگمىغا كۆتۈرۈلگەن، 18 تەرەپلىك 6 ئەگرى ياپراقچىنى قوللايدۇ.

خۇاۋېي nova 12 Ultra يانفونىنىڭ 12GB+512GBلىقىنىڭ باھاسى 4699 يۈەن، 12GB+1TBلىقىنىڭ باھاسى 5499 يۈەن.

- 0ئادەم يۈرەك بەردى -
ئىنكاس ئىقتىدارى تاقاق
not found

ئىنكاس يوق